
كەڭ يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، 3-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ يەكەن ئايرودۇرۇمى پەسىل ئالمىشىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلانىنى ئىجرا قىلىدۇ، بۇ قېتىم پەسىل ئالماشقاندىن كېيىن، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچى-كۇچا-يەكەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ. يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى رايونلار ئارا چۈشىنىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچ جاينىڭ ھەمكارلىق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنداقلا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «بىر بەلباغ، بىر يول» ھاۋا قاتناش تورىنى زىچلاشتۇرىدۇ.
