
قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى، تۈرك تىلىدا «قارا قورام تاشلىق تاغ» دېگەن مەنىدە. قارا قۇرۇم تېغى — دۇنيادىكى ئېگىز تاغ مۇزلۇقلىرى ئەڭ تەرەققىي قىلغان ھەيۋەتلىك تاغ تىزمىسى، ئاسىيا دىكى مەشھۇر تاغ تىزمىلىرىنىڭ بىرى.
ئافغانىستاننىڭ ئەڭ شەرقىدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ تەخمىنەن 480 كىلومېتىر سوزۇلغان. كەڭلىكى تەخمىنەن 240 كىلومېتىر، ئۇزۇنلۇقى 800 كىلومېتىر كېلىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 5500 مېتىردىن يۇقىرى. دۇنيادىكى ئېگىز تاغ ۋە يۇقىرى كەڭلىكتىكى باشقا ئەڭ ئۇزۇن مۇزلۇق ئەڭ مەركەزلەشكەن جاي ھېسابلىنىدۇ. تاجىكىستان، جۇڭگو، پاكىستان، ئافغانىستان ۋە ھىندىستاننىڭ چېگرا ھەممىسى بۇ تاغ سىستېمىسى ئىچىدە، بۇ ياقا جاي غايەت زور سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە. قاراقۇرۇم قەدىمكى موڭغۇل تىلىدا «قارا دەريا» ياكى «قارا سۇ» دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىنگلىز تىلى ئەسىرىدە كۆرۈنگەن. تۈرك تىلى بويىچە قاراقۇرۇم «قارا قورام تاش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ،
