
يەكەن دەرياسى ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدا سۇ ئامبىرى توسمىسىنىڭ چۈشۈرگىسى چۈشۈرۈلۈپ سۇ ساقلاندى. قاراقۇرۇم تېغى دەريا ۋادىسىدىكى توسما مەۋج ئۇرۇپ دولقۇنلاپ تۇرغان كەلكۈننى توسۇپ، يەكەن دەرياسى ئېقىن رايونىنى مىڭ يىللىق سۇ ئاپىتىدىن ئۈزۈل-كېسىل خوشلاشتۇرىدۇ. ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىنىڭ قوشراپ يېزىسى بىلەن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ كوسراپ يېزىسى چېگرالىنىدىغان جايدا بولۇپ، نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى قۇرۇلۇۋاتقان ئەڭ چوڭ سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ، ئومۇمىي سېلىنمىسى 10 مىليارد 986 مىليون يۈەن، ئۇ تارىم دەرياسىنى ئېكولوگىيەلىك سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، سۇغىرىش، توك چىقىرىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
