
ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئاشكارىلانغان ۋە خىتاي ئاخباراتى تېخىچە يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان 8-مارت ھۇجۇمى ھەققىدە
ئاشكارىلىنىشىچە، ۋەقەدە يەكەننىڭ تاغارچى يېزىلىق قوراللىق قىسىم باشلىقى فاڭ كېجاڭ ئايالى ۋە تاغىسى بىلەن بىرلىكتە چاناپ ئۆلتۈرۈلگەن. ۋەقە يەكەن ناھىيە ئىچىدىكى كەچلىك بازارنىڭ ئالدى ۋە كونا قوراللىق قىسىم بىناسىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن.
ۋەقەدە شۇ جايدا خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامانلىق ساقلاش خادىمى باتۇر مەمەت ۋە ھۇجۇمنى ئىجرا قىلغان 7 نەپەر پىدائىي بولۇپ جەمئىي 11 كىشى ئۆلگەن، 4 كىشى يارىلانغان.
