
تومئۆستەڭنىڭ ئىككىنچى كەنت 4 - مەھەللىسى، 652 نوپۇس، 140 ئائىلىدىن تەشكىللەنگەن؛ تومئۆستەڭ يېزىسى 2014 -يىلى 28 -ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئېلىشقۇ بازىرىدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتا، سېكرىتارنىڭ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر ۋەقەگە تومئۆستەڭدىن قېتىلغانلار يوق دىيەرلىك. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا 2013 -يىلى رامىزان ھارپىسىدا قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن ئاقسۇ ئايكۆلدە كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن يۈز بەرگەن ۋە ئايكۆلنىڭ پەيشەنبە بازار كەنتىدە ھەر ئۈچ ئائىلىدىن بىر كىشىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن، ئالدىنقى ئايدا گۇما ناھىيىسىنىڭ پىيالىما يېزىسىدىنمۇ 1400 نوپۇسلۇق بىر كەنتتە 28 كىشىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان. ئەمدىلىكتە، ھېچقانداق بىر ۋەقەگە سەھنە بولمىغان تومئۆستەڭ يېزىسىدىكى 140 ئائىلىلىك بىر مەھەللىدە 53 كىشىنىڭ تۈرمە ۋە قاماقتا بولۇشى، چېن چۈەنگو دەۋرىدىكى رايون ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىك دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
